Dolan Jula Muqami 编曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰 سېرىق سەبدە تۇلۇن ئايدەك يۈزۈڭگە نۇر ياراشىپتۇ سىنىڭ ئىشقى پىراقىڭدا يۈرەككە ئوت تۇتاشىپتۇ باردى دەيدۇ ياندى دەيدۇ مەيلىم ئۆزەمنىڭ سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ شاپتۇلۇڭنى مەن يىمەيمەن چىشىم ئاغرىيدۇ مىنىڭ مەشۇغۇم يادىمغا يەتسە ئىچىم ئاغرىيدۇ مىنىڭ غازكۆلنىڭ بازارىدا رەڭمۇرەڭ تاۋارى بار چۆرگىلىپ كېتەلمەيمەن ياخشى يار خۇمارى بار مەستان يارەي ئا يارىما چاققان يارەي ئا يارىما ئا يارەي ۋاي دەردىما ۋاي ۋاي دەردىمەي ئۆستەڭ بويى ئىگىز قاش كەتمەن سالسام تىگى تاش سۆيەي دىسەم بويۇم پەس ئىگىلەمسەن قەلەمقاش ئىگىلەمسەن قەلەمقاش ئا باغلىرىم بوستان كىلىڭ ئوينايلى ئا يار بىلەن چوكان سىنىڭ جېنىڭ مىنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ سىنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ قۇربان ئەمەسمۇ ئا باغلىرىم بوستان كىلىڭ ئوينايلى ئا يار بىلەن چوكان سارايمۇ ساراي كۆرگەلى كەلدىم ياخشى يارىمنى سۆيگەلى كەلدىم مەن يارنى كۆردۈم مەستانە بولدۇم ئەقلى ھوشۇمدىن بىگانە بولدۇم