Yatlashtuk 作词 : Muhammatjan Rashidin 作曲 : Taxmamat-Batur يامان كۈنلەردە تۇققان ئىدۇق روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق پالاستىن تەستە ئايرىلىپ گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق تامان ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە قانات قاتقاندا ياتلشتۇق ئانام كەتتى بىرەر ئۆيدە تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماستىن ئىلىندى تاختىغا نانلا ئازاپلاندى سۇرالماستىن دادامنى مەنمۇ كەتكۈزدۈم بىرەر پاقلان سۇيالماستىن شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ يانغاندا ياتلاشتۇق زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى شۇلارغا نان ياققۇزدۇق قىلىپ تەنە بەزەن جاھان جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق باقار چاغدا باھانە كۆپ كىسەل ياتقاندا ياتلاشتۇق ئانا كەتتى دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى چالارغا ساز ئىچەرگە ئاش كۆڭۈلدىن بىرگە ياز كەتتى ئىزادا ئۆتتى ھېيىت ئايەم قىلالماي جەم قېرىنداشنى ئۆتەرمىز ئۇچۇرشىپ قالساق ئارانلا لېڭشىتىپ باشنى ئىناقتۇق كەپىدە توۋا ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق تالاي يىللىق قېرىنداشلىق مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق