Yatlaxtuk 作词 : Muhammatjan Rashidin 作曲 : Taxmamat-Batur يامان كۈنلەردە تۇققان ئىدۇق روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق پالاستىن تەستە ئايرىلىپ گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە قانات قاتقاندا ياتلشتۇق Muzika♪ ئانا كەتتى بىرەر ئۆيدە تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماي ئىلىندى تاختىغا نانلا بالام دەپمۇ سورالماستىن دادامنى مەنمۇ كەتكۈزگەن بىرەر پاقلان سۇيالماستىن شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ يانغاندا ياتلاشتۇق Muzika♪ زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى شۇلارغا نان ياققۇزدۇق قىلىپ تەنە بەزەن جاھان جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ يانغاندا ياتلاشتۇق Muzika♪ ئانا كەتتى دادا كەتتى دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى يىيەرگە نان ئىچەرگە ئاش كۆڭۈلدىن بىرگە ياز كەتتى ئىزادا ئۆتتى ھىيىت ئايەم قىلالماي جەم قىرىنداشنى ئۆتەرمىز ئۇچۇرشۇپ قالساق ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى تالاي يىللىق قېرىنداشلىق پۇل تاپقاندا ياتلاشتۇق تالاي يىللىق قېرىنداشلىق روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق