Erler 作词 : ئەنۋەر ئەركىن 作曲 : كېرەم ئابباس ئەرلەرنىڭمۇ دەردى بار تاغدەك ‎لىكىن دەرتكە يىغلاپ يۈرمەيدۇ ‎ئۆرتەنسىمۇ قەلبى ھەسرەتتە ‎بىراۋلاردىن قاھشاپ يۈرمەيدۇ مۆلدۈر سوققان جەسۇر چوققا شىۋىرغاندىن زارلاپ قۇقمايدۇ ‎يۈكسەك بىلگەچ غۇرۇرىنى ‎ئۆز نامىنى بۇلغاپ يۈرمەيدۇ ‎مەشۇغىدىن كۆڭلى سۇ ئېچسە ‎باشقا گۈلنى تاللاپ يۈرمەيدۇ ‎تىل نەشتىرى تەگسىمۇ دىلغا ‎ئاشىغىم دەپ پىسەنت قىلمايدۇ ‎ئائىلەم دەپ چەككەن جاپاغا ‎قاخشىمايدۇ پەرياد ئۇرمايدۇ ‎ئەنە شۇنداق جەسۇر ئوغلان ‎قاراپ باقساڭ بىزگە ئوخشايدۇ