Ablikim Ablimit Guzal Qiz 作词 : Ablikim Ablimit 作曲 : Ablikim Ablimit شېرىن، شېرىن مۇھەببەتلەشكەن كۈنلەرنى ئۇنۇتتۇڭ ، مېنىڭ قىلغان ساپ ئەقىدەم مۇھەببىتىمنى ئۇنۇتتۇڭ . گۈزەل ، گۈزەل بىرگە ئۆتكەن شۇ كۈنلەرنى ئۇنۇتتۇڭ ، لەۋلىرىڭگە سۆيگەن شۇ دەقىقىلەرنى ئۇنۇتتۇڭ . گۈزەل ، گۈزەل قىزسەن . خىيالىمدا پەقەت بىر سەن . گۈزەل ، گۈزەل قىزسەن ، چىن مەشۇقۇم ئۆزەڭدۇرسەن . ماڭا ماڭا بەرگەن ئەشۇ يالغانمىدى ۋەدىلەر ؟ ئېيتقىن دىلدار قەلبىڭدىكى سىرلىرىڭنى كىم بىلەر ؟ شۇنچە شۇنچە ئېلىپ قېچىپ تۇرساڭمۇ سەن ئۆزۈڭنى لېكىن سېنى سۆيگەن بۇ قەلبىم يەنە ساڭا ئىنتىلەر .