Sighinish 思念 作词 : muhemmetjan rashidin 作曲 : Abdugini Ablikim سېغىنىش تېكىستى: مۇھەممەتجان راشىدىن مۇزىكىسى: ئابدۇغېنى ئابلىكىم ناخشىدا: ئابدۇغېنى ئابلىكىم 翻译;阿卜的音乐 سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ؟ سېنى كۆرمەي كۆڭۈل ئۇنامدۇ؟ ئايدا-يىلدا بىر كېلىپ كەتسەڭ، كېلىپ كەتسەڭ بۇ دىدارغا يۈرەك قانامدۇ؟ ئايدا-يىلدا بىر كېلىپ كەتسەڭ، كېلىپ كەتسەڭ بۇ دىدارغا يۈرەك قانامدۇ؟ مۇزىكا سەن كەلمىدىڭ، قارلىغاچ كەلدى خۇددى سەندەك سايرىغاچ كەلدى كۆزلەرىمگە شۇڭا ياش كەلدى، ياش كەلدى كۆڭلۈك ياكى مەندىن چانامدۇ؟ كۆزلەرىمگە شۇڭا ياش كەلدى، ياش كەلدى كۆڭلۈك ياكى مەندىن چانامدۇ؟ مۇزىكا بىلمىدىڭمۇ سېغىنغىنىمنى؟ ئۇقمىدىڭمۇ يىغلىغىنىمنى؟ بىلمىدىڭمۇ سېغىنغىنىمنى؟ ئۇقمىدىڭمۇ يىغلىغىنىمنى؟ سەن ئالامسەن مېنىڭ جېنىمنى؟ جېنىمنى؟ تەندە بۇ جان دائىم تۇرامدۇ؟ سەن ئالامسەن مېنىڭ جېنىمنى؟ جېنىمنى؟ تەندە بۇ جان دائىم تۇرامدۇ؟ تەندە بۇ جان دائىم تۇرامدۇ؟