Bugun 2 作词 : Ablajan Awut Ayup 作曲 : Ablajan Awut Ayup بۈگۈن 2 ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1.كۇبلىت : مۇزىكا ياڭرىدى قايتىدىن، سالدى مېنى ھاياجانغا. مىكرافۇننى ئالدىم مەن قولۇمغا، چۈشتۈم لەرزان ئۇسسۇلغا. بىلىمەن،بىلمەسكە سالىسەن، قەستەن پەرۋا قىلمايسەن. كۆيىمەن شۇ نازۇك خۇيۇڭغا، تىخىمۇ ئوماق كۆرىنىسەن. ئۆتۈشمە: ناخشامنىڭ سىھرى شۇ قەدەر سىرلىق چەكسىز، كۆزۈڭ تەسىلىم بولىىدۇ ئامالسىز شەرتسىز. كۆڭلۈڭدە ئىككىلىنىش كەيپىياتىڭ رەتسىز، بولدى ئىتىراپ قىل بۈگۈن كەل،كەل،كەل. قايتارما : بۈگۈن، بىلدۈرىمەن سۆيگۈمنى بويسۇندۇرۇپ كۆڭلۈڭنى، ماڭا، كۆنۈپ،كۆيۈپ قالىسەن ئاستا-ئاستا تاتلىق گۈزەل قىز، مەن ساڭا مەستانە، تاتلىق گۈزەل قىز، ئەتراپىڭدا پەرۋانە. تاتلىق گۈزەل قىز، مىنى كۆرمە زىيادە. تاتلىق گۈزەل قىز، قويما يالغۇز يىگانە. كۇبلىت : قاچمىغىن،ھەم ئاۋارە بولمىغىن، بولدى قىل مېنى توسمىغىن. يوشۇرۇپ كۆڭلۈڭنىڭ مەيلىنى، ئۆزۈڭنى قىينىمىغىن. 2-ئۆتۈشمە : يۈرىسەن قاچانغىچە مەن بىلەن شۇنداق، كىتەلمەيسەن ھەم مىنى تاشلاپلا بىراق. ماڭا مەنسۈپ بولۇشىڭغا قالمىدى ئۇزاق، بولدى كۈتىۋەرمەي ئەمدى كەل كەل كەل.