Meylimu - Ablajan Awut Ayup 作词 : Ablajan Awut Ayup 作曲 : Ablajan Awut Ayup مەيلىمۇ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ كۇبلىت : ئاڭلا، گۈزەلىم سۆيگۈ يولىدا، جەۋىر-مۇشاقەت تارتسام مەيلىمۇ. ياكى جۇدا بوپ ئەقىل ھۇشۇمدىن، دەرۋىش دېۋانە بولسام مەيلىمۇ. 1-قايتارما : مەن ساڭا كۆيۈپ خۇشال يۈرمىدۈم، ئايدەك يۈزۈڭنى يىللاپ كۆرمىدۈم. نېمىدۇر ۋىسال تەمى بېلمىدىم، كۈنلۈرۈم سەنسىز يەتسە مەيلىمۇ. 2-كۇبلىت : ئارزۇيۇم سېنى كۆرۈپلا يۈرسەم، ساداقەت بىلەن كۆيۈپلا يۈرسەم. چىن ئىشقىڭ سۆيگۈڭگە تويۇپلا يۈرسەم، ئۈمۈدلەر بەربات بولسا مەيلىمۇ. 2-قايتارما : قالمىدى تاقەت سەنسىز ياشاشقا، تاپالماي سېنى خەۋەر ساقلاشقا. نائىل بولالماي ئىسمىڭ ئاتاشقا، روھىم كۆز ئوچۇق بولسا مەيلىمۇ.