Tetil 作词 : aj 作曲 : aj تەتىل ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1.كۇبلىت : كالىندار ۋاراقلىرى يىرتىلىپ، كەلدى كۈتكەن چاغلار. ھەرياقتىن بىر-بىرلەپ قايتىپ كىلىپ، جەم بولدى ئاخىر دوسىتلار. 1.ئۆتۈشمە : ئەمدى ھىچكىم مېنى سەھەر تۇر دەپ زورلىماس، شۇ كۆڭۈللۈك ئويۇنلاردىن مەكتىپىمگە قوغلىماس. ساناقسىز تاپشۇرۇقلار ئەمدى مېنى قىينىماس، تەتىل،تەتىل ئاخىر كەلدى راھەت تەتىل. قايتارما : كەل ئوينا بىز بىلەن، بىز بۇيەردە ھەممەيلەن، كەلدى بىز كۈتكەن گۈزەل تەتىل. جەم بولدۇق بىز دوسىتلار، تۈگىمەس جىق پاراڭلار، مانا بىز كۈتكۈن گۈزەل تەتىل. چوڭ ئۆتۈشمە : ھەي ھەي ھەي قىنى كۆپچىلىك ئاڭلاڭلار سۆزۈمنى، ئىگىز-ئىگىز كۆتۈرۈڭلار قوللارنى، شوخ ئازادە تۇتۇپ كۆڭلىمىزنى، باشلايلى بىرگە ئۇسسۇلىمىزنى. قىنى ئەگىشىپ رېتىمغا تەڭ ئوينايلى بىز خۇشال دوسىتلار، كىبارە،ئابلاجان ياڭراتتى مانا خۇشال كۈيلەرنى. ئېيتىڭلار، ھەممەيلەن، ئەگىشىپ. 2.كۇبلىت : مەھەللە دالا ۋە باغچىلاردا، ئويناڭلار قانغۇدەك دوسىتلار. ۋاقىرىشىپ توۋلىشىپ ھەممە جاينى، قويماي كىزىڭلار دوسىتلار. 2.ئۆتۈشمە : كەلگىن ئەمدى دوستۇم مۇڭدىشايلى قانغىچە. خۇشال-خۇرام بىخارامان ئوينىشايلى ھارغىچە. كېچىدە يۇلتۇز ساناپ ئۇخلىمايلى تاڭغىچە، تەتىل،تەتىل ئاخىر كەلدى راھەت تەتىل.