Xizmet naxshisi - Ablajan Awut Ayup 作词 : Ablajan Awut Ayup 作曲 : Ablajan Awut Ayup بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ جاپا چەكسەكمۇ كۈنكۈنلەپ يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ تۇرمۇشۇمدا ھەر كۈنى يېزىلار بىر ھېكايە ھېكايىدە مەن گاھ خۇشال گاھى بەك بىچارە ئويلايمەن ئۆز-ئۆزۈمگە بولاي دەپ بەگزادە لېكىن تەقدىر كاچاتلايدۇ بەرمەستىن ئىمكانە گاھى كۈلكە گاھ يىغا قايناپ تۇرار ئىشخانا رىقابەتچى ئاكا ئىنى دوس-بۇرادەر ئۆز ئارا كۈتۈپ تۇرسىمۇ جاپا تىرىشىمىز يەنىلا يەتكىلى بولماس جانانغا جاننى قىلماستىن پىدا بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ جاپا چەكسەكمۇ كۈنكۈنلەپ يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ Music... ئارزۇلار بەكمۇتولا كۆيدۈرەر پىراقتا لېكىن ئەپسۇس مەنزىللىرىم مېنىڭدىن يىراقتا شۇكېچىلەردە چۆكىمەن شىرىن خام خىيالغا ئەتىسى ئۇيقىدا مەن قالار ئارمان بىر ياقتا گاھى دوستۇم پالاكەت گاھى ساناقسىز ئامەت ئۇشبۇ تۇرمۇشنىڭ چاقچىقىغا چېچىلىش بىھاجەت دەرتلەر قىلماي زىيارەت بولماس تىلەك ئىجاۋەت سەۋىر بىلەن ئەجىر قىلىپ كۆرىمىز ھالاۋەت بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ جاپا چەكسەكمۇ كۈنكۈنلەپ يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ