Tashlap oynayli (Uyghurche) 作词 : Ablajan Awut Ayup 作曲 : Ablajan Awut Ayup تاشلاپ ئوينايلى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1.كۇبلىت : بۈگۈن بەزمە قىلدۇق گۈزەل گۈلباغ ئېچىدە، تىزدۇق ئىسىل نېمەتلەر داستىخان ئۈستىگە. 1.ئۆتۈشمە : قېنى مەرھەمەت سەھنىمىزگە باشلاڭ ئۇسسۇل، ئەمدى قالمىدى تاقەت يەنە ئالدىرار پۇت-قول. ھەممە بىللە ئوينايلى باشلاپ بەس-بەس بىلەن، توختىماستىن ھارماستىن ھەمدە شوخ-شوخ تېمەن. قايتارما : ئۇ يانغا تاشلاپ، بۇ يانغا تاشلاپ تازا ئوينايلى، سىلىپ چوقان-غەلۋە، چۈمۈلگۈچە تەرگە راسا ئوينايلى. 2 .كۇبلىت : بوۋام ئويناپ كەلگەن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جاھان تارىخ سەيناسىدا قىلىپ ھەم جەۋلان. 2.ئۆتۈشمە : نەغمە قىلماي، ئۇسسۇل سالماي بىزگە خۇشاللىق بولماس، تاشلاپ تازا ئوينىمىغۇچە كۆڭۈللەر تېنماس. كېلىڭ ئۆرگىلىپ-چۆرگىلىپ ئويناپ ياسايلى قاينام، ئۇنى ئۈزمەستىن تۈگەتمەستىن قىلايلى داۋام.