Yamgurum. يامغۇرۇم ياشار ياشلىرىڭنى سۈرىتمىگىن بولدى ، يوشۇرمىغىن ئازابىڭنى ھەم ، ئاشكارلايدۇ ئويچان كۆزلۈرۈڭ ، چاندۇرماستىن يۈرسەڭمۇ ھەردەم ، كۆپ ياغقىن يامغۇرۇم ، شارىلداپ يامغۇرۇم ، ياشقا تولسۇن ئالبۇمۇم ، ئۆتۈنەي يامغۇرۇم ، ياغقىن مەڭگۈ توختىما ، كۆزلەرىمنى ياشلىما ، كۆز ئالدىمدا ، ئۈمۈدسىز يوللار ، ئەسلىمەمسەن يامغۇرۇم ، ئازاپلىرىڭ ئاياندۇر ماڭا ، پىنھانىڭغا يۇشۇرغانسىرى ، كۈلەلمەيسەن ئېچىلىپ بىر رەت ، خوشاللىقتىن مەھرۇمدۇر قەلبىڭ ، كۆپ ياغقىن يامغۇرۇم ، شارىلداپ يامغۇرۇم ، ياشقا تولسۇن ئالبۇمۇم ، ئۆتۈنەي يامغۇرۇم ، ياغقىن مەڭگۈ توختىما ، كۆزلەرىمنى ياشلىما ، كۆز ئالدىمدا ، ئۈمۈدسىز يوللار ، ئەسلىمەمسەن يامغۇرۇم . يامغۇرۇم .