Barmidu 作词 : Yusupjan-Nasir 作曲 : Bahtiyar-Tayir تىكسىت يازغۇچى : دىلشات جاپپار بۇ جاھاننى ئىزدىسەم ، چىن مۇھەببەت بارمىدۇ ؟ ئۆز بەختىمنى تاپقۇچە ماڭا ھەسرەت يارىمىدۇ؟ كۆرگەنلىرىم ھاياتتا بولدى ، تالاي رىيازەت، بارچە دەرتكە چىدايمەن ئۇندا نۇسرەت بارمىدۇ! بۇ جاھاننى ئىزدىسەم ، چىن مۇھەببەت بارمىدۇ ؟ ئاشىقلارغا بۇ دۇنيا ياكى شۇنداق تارمىدۇ . بىزار بولدۇم ، ئەجەبمۇ بىۋاپادىن سۆيگۈدىن، ساداقەتكە مېنىڭدەك بارچە ئىنسان زارمىدۇ! بارمىدۇ………… زارمىدۇ………… ~Music~ بۇ جاھاننى ئىزدىسەم ، چىن مۇھەببەت بارمىدۇ ؟ چەكلىك ئىكەن ، بۇ ئۆمۈر يەنە پۇرسەت بارمىدۇ ؟ مۇھتاج بولدۇم ، پەقەتلا بىر ئۆمۈرلۈك ھەمراغا . تەنھا يۈرمەك تەس ئىكەن ياكى تەقدىرىم شۇمىدۇ ؟ بۇ جاھاننى ئىزدىسەم ، چىن مۇھەببەت بارمىدۇ ؟ ئاشىقلارغا بۇ دۇنيا ياكى شۇنداق تارمىدۇ . بىزار بولدۇم ، ئەجەبمۇ بىۋاپادىن سۆيگۈدىن، ساداقەتكە مېنىڭدەك بارچە ئىنسان زارمىدۇ! بارمىدۇ………… زارمىدۇ………… تىكسىت يازغۇچى دىلشات جاپپار