Happy Birthday 作词 : VENOM-ER 作曲 : Er-帆 Happy Birthday VERSE(VENOM-ER) 1998 كۆز ئاشتىڭ سەن بۇ دۇنياغا شۇ كۈندىن باشلاپ ئائىلە تولدى ، تۈگىمەس خۇشاللىققا سەن بولغاچقا ، بۇ ئاىلىدە كۈندە ھەر خىل يېڭىلىقلار تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك مەڭگۈ خۇشال ئۆت ىكەن ئاكا يېزىلاردا مەيدان يوق ، توپىدا ئوينايتتۇق پۇتبول يىقىلىپ چۈشسەم دەيتىڭ ، سەن يىغلىما سەن ئوغۇل ئېتىزلىققا مۆكۈپ يۈرۈپ ئوغرىلايدۇ شاپتۇل ئاپام دىيتى نەدە ، سەن تېزدىن ئۆيگە كېلىپ بولدى ھەر كۈنلىرى سەھەردە تەڭ باراتتۇق ، مەكتەپكە كېچىكسەك مۇئەللىم دەيتتى ئۇخلاشنىڭمۇ ئۆيۈڭدە تاپىدىغانغا باھانە يوق ، قاراپ تۇراتتۇق بىز يەرگە مۇئەللىم دەيتتى ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاپ كەلگەنسەن ئەتە خۇشال مىنۇتلارنى ئۆتكۈزگەنتۇق ، ئاشۇ ئۆت ىكەن يىللاردا ئاياغ ئىزىمىز قالغان ئىدى ، كەڭرى پۇتبول مەيدانىدا تىڭشىغۇچنى قۇلاق سېلىپ ئوينايتتۇق بىز تورخانىدا بىلىپ قالسىلا دەيدۇ ، ئاپام جىم ئولتۇرىسەن ئۆيدىلا HOOK(YOUNG-BIG) تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان كۈنۈڭ بۈگۈن تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغانكۈنۈڭ بۈگۈن خۇشال ئۆتكىن *2 VERSE(VENOM-ER) بۈگۈن كىردىڭ. يىگىرمىگە ئۆتۈپ كەتتىگۈدەك ۋاقتىڭ بىرەرسى بوزەك قىلسا ماڭا تېلېفون قىلغىن دەيتىڭ ئوپچە تاماق يېگەن چاغدا كۆپنى بېرىپ ئازدىن يەيتىڭ ئەمدى سەل مۇساپىر بولۇپ ، باشقا شەھەردە يالغۇز كەتتىڭ بېقىپ سېنى چوڭ قىلدى ، ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ئانا يۆلەنچۈك بولۇپ كەلگەن ئىدى ، ئاشۇ بىللە تاغدەك ئاتا ئۇلار تىلەيدۇ بەختىڭنى مەڭگۈ قىلسۇن ساڭا ئاتا تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك مەڭگۈ خۇشال ئۆت ىكەن ئاكا مۇساپىر بولۇپ ئۆتكۈزدۈڭ ، ئىككى يىلنى باشقا شەھەردە ئۇنتۇمايتتىڭ سالام دەيتىڭ ھەر كۈنى سەھەردە ئاپاڭ دەيتتى غېرىپسىنىپ قاپتۇ ، كىرىپ قاپتۇ چۈشۈمگە داداڭ دەيدۇ سېغىندۇق ھە بېرىپ كېلەيلى ، يېنىگە يېقىندا ئالدىراش بارالمىدى ، بۇنى توغرا چۈشەنگىن ناتونۇش شەھەردە باشقا ئەمەس ، ئۆزۈڭگىلا ئىشەنگىن قورسىقىڭ ئاچ قويمىغان كۈندە ئۈچ ۋاق تۇلۇق يېگىن يانچۇقۇڭدا پۇل قالمىسا سېلىپ بېرىڭ دەپ تېلېفون قىلغىن HOOK(YOUNG-BIG) تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان كۈنۈڭ بۈگۈن تۇغۇلغان ، تۇغۇلغان ، تۇغۇلغانكۈنۈڭ بۈگۈن خۇشال ئۆتكىن *2