YerKent Yultuzi / Жаркенская звезда 作词 : Durnam Mashurova 作曲 : Dilmurat Baharov تاغنى تالقان باغنى بوستان قىلغان يىگىت ئەل يۇرتىغا چىن يۈرەكتىن كۆيگەن يىگىت سۆزگە چىۋەر مەرت مەردانە پالۋان يىگىت گۈزەللىكنى ياخشىلقنى سۆيگەن يىگىت ئايلار ئۆتەر يىللار ئۆتەر كىلەر بىر كۈن تۇققان خەلقىڭ سىنى ئەسكە ئالار بىر كۈن سەن يەركەنتنىڭ ئاسمىنىدا يورۇق يۇلتۇز سنى بىلگەن يۇرتۇڭ ئامان بولسۇن بولسۇن بۈگۈن دالىلارنى گۈلگە ئوراپ ئەمگەك قىلغان ئەمگەك قىل دەپ ھەممىنى ئۇ دەۋەت قىلغان ئىزى باردۇر يۇرتىدا ھىچ ئۆچمەيدىغان ئۆزى قانچە ئىنسانلارغا مەدەت بولغان ئايلار ئۆتەر يىللار ئۆتەر كىلەر بىر كۈن تۇققان خەلقىڭ سىنى ئەسكە ئالار بىر كۈن سەن يەركەنتنىڭ ئاسمىنىدا يورۇق يۇلتۇز سنى بىلگەن يۇرتۇڭ ئامان بولسۇن بولسۇن بۈگۈن لاچىنلارنىڭ لاچىنى ئۇ بولغان ئىدى يۇرت پەرزەنتى ماختىنىشىپ پەخرى ئىدى ھاياتلقتا شۇنداق زىرەك ئۆسكەن يىگىت گۈزەل ئۈسەك تەۋەسسۇمى بەختى ئىدى ئايلار ئۆتەر يىللار ئۆتەر كىلەر بىر كۈن تۇققان خەلقىڭ سىنى ئەسكە ئالار بىر كۈن سەن يەركەنتنىڭ ئاسمىنىدا يورۇق يۇلتۇز سنى بىلگەن يۇرتۇڭ ئامان بولسۇن بولسۇن بۈگۈن بولسۇن بۈگۈن