Kutush 作词 : Enwer Abdurehim 作曲 : AbdurusulObul ساقلايمەن گۈزەلىم سىنى سەھەردە، يۇلتۇزلار چاقنىغان ئوزۇن تۈنلەردە. يۈرۈكۈم گۈلخانغا ئايلاندى نىگار، سۆيگۈمىز ئوتلىرى تۇتاشقان يەردە. كۆرۈنمەس قاراڭمۇ كۆرۈنمەس زادى، يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۆزلۈرۈم تالدى. كەلمەيسەن نېمىشقا، نېمىشقا يېنىمغا گۈلۈم، جۇدالىق يارىڭنى ئەسىرگە ئالدى. بىلىمەن بىر كۈنى كېلىسەن نىگار، بېغىمدا غۇنچىدەك كۈلىسەن نىگار. جۇدالىق دەردىنى تارتقان، تارتقان دىلىمغا، ئالەمچە خۇشاللىق بېرىسەن نىگار.